مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بروۋنپىۋېي بىلەن جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر مەزمۇنى ئاتا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. ئالدىنقى ئايدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-فىرانسىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا چۈشىنىشنىڭ دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقىل، يېشىل، تۆۋەن كاربون قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق سودا ئىختىلاپلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك. ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشتىكى ئادىمىيەت رىشتىسىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقىنى ساقلىشى كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى، فىرانسىيەنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ياخشى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى ئالاقە مېخانىزمىنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا قوزغىتىلىشى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى فىرانسىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلىرىمىزنىڭ دائىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.
بروۋنپىۋېي ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ھازىرقى كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھى بويىچە، سودا، سېلىنما، سۈنئىي ئەقىل، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.