6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىنگاپور زۇڭلىسى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇڭ شۆ) 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىنگاپور زۇڭلىسى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ خۇاڭ شۈنسەينىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو - سىنگاپور ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق بىر قاتار سالمىقى زور بولغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا رايون دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن تەجرىبە ۋە ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - سىنگاپور دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ باراقسان ئۆستۈرۈپ، مول مېۋىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىك، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كېمىيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو - سىنگاپور دوستلۇقىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق چوڭقۇر سىڭىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشى كېرەك. ئىككى دۆلەت خەلقىنى دائىم بېرىش - كېلىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - سىنگاپور دوستلۇقىنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر مۇنداق قارايدۇ: تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، دۇنيادا زومىگەرلىك قايتا پەيدا بولسا بولمايدۇ، ئورمان قائىدىسىگە سۆرەپ كىرىشكە بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
خۇاڭ شۈنسەي مۇنداق بىلدۈردى: سىنگاپور - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھەمكارلىقى قويۇقلاشتى. سىنگاپورنىڭ ئىلگىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان رەھبەرلىرى بىردەك جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، جۇڭگو مەن ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن زىيارەتكە چىققان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سىرتىدىكى تۇنجى دۆلەت. سىنگاپور داۋاملىق تۈردە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەش پەيتىدە، سىنگاپور تەرەپ جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا، سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىنگاپور - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، سىنگاپور تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن رايون ۋە كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو چوقۇم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.