«شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» ئىتالىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلدى

2025.06.27 13:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو - ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى پىروگرامما «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى»نى كۆرسىتىشنى باشلاش پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى رىمدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ پىروگرامما ئىتالىيە ئارما تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، دونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ساياھەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، لازىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، لومباردى شەھەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رىم كورونا رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مىلان پاۋىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئىتالىيە «مىلان مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى» تور بېكىتى قاتارلىق ئىتالىيەدىكى 30دىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىدا ئارقا - ئارقىدىن كۆرسىتىلىدۇ.

«شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى»دە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە دائىر جانلىق ھېكايىلەر تاللىنىپ، ئۇنىڭ «مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ» دېگەن چوڭقۇر تەپەككۇرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەش، تارىخ - مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ھېسسىياتى نامايان قىلىنىپ، خەلقئارادىكى كۆرۈرمەنلەرگە شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن. پىروگراممىدا خېبېي جېڭدىڭ، فۇجيەن شيامېن، جېجياڭ خاڭجوۋ، گەنسۇ دۇنخۇاڭ قاتارلىق شى جىنپىڭ خىزمەت قىلغان ياكى تەكشۈرۈشتە بولغان جايلار نەق مەيداندا زىيارەت قىلىنىپ، سىن ماتېرىياللىرى، چوڭقۇر زىيارەت قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك بايان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي تىرىشچانلىقى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر، ھەممىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئۆزگىچە جەلپكارلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ