شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، تانزانىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى كىلىمانجارو ئۆلكىسىدە، ئىككى ئاپتوبۇس ئۇدۇل سوقۇشۇپ كېتىپ ئوت كەتتى، ئاز دېگەندىمۇ 38 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى، 28 ئادەم يارىلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، كىلىمانجارو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى نۇردۇن باب 6-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، بىر ئاپتوبۇسنىڭ چاقى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كېتىپ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، يەنە بىر ئاپتوبۇس بىلەن ئېغىر سوقۇلغان ھەم ئىككى ئاپتوبۇسقا ئوت كەتكەن. نۆۋەتتە، 28 يارىلانغۇچىنىڭ 22 سى داۋالانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى، يەنە ئالتە كىشى يەنىلا دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ ۋە داۋالىنىۋاتىدۇ.