شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
پۇتىن رۇسىيە تەرەپنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز قارىشىدىن خەۋەرلەندۈردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك، توقۇنۇشنىڭ ئۇلغىيىشى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ 3 - دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت يەنىلا تېز راۋاجلىنىۋاتىدۇ، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئورتاق ھالدا ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇۋاتىدۇ، بۇ، دۇنيانىڭ يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى. مۇبادا توقۇنۇش يەنىمۇ ئۇلغىيىپ كەتسە، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن، رايون دۆلەتلىرىمۇ ئۇنىڭ چوڭقۇر زىيىنىغا ئۇچرايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىتا، مەن مۇنداق تۆت تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
بىرىنچى، ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇش ھازىرقى جىددىي ئىش. قورال كۈچى خەلقئارا تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس، پەقەت ئۆچمەنلىك ۋە زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. توقۇنۇشۇۋاتقان ئالاقىدار تەرەپلەر بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇرۇشنىڭ سىرتقا يامرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.
ئىككىنچى، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ھەربىي توقۇنۇشتا پۇقرالارنى قوغداشتىن ئىبارەت قىزىل سىزىقتىن بىردەك بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ، قورال كۈچىنى پەرقسىز ئىشلىتىش قىلمىشىنى بىردەك قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. توقۇنۇشۇۋاتقان ئالاقىدار تەرەپلەر خەلقئارا قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن قەتئىي ساقلىنىشى ھەم 3 - دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېكىنىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، سۆزلىشىش - سۆھبەتلىشىشنى باشلاش تۈپ چىقىش يولى. پىكىر ئالماشتۇرۇش - سۆزلىشىش ئۇزاق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توغرا يول. قەتئىي تۈردە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ يۆنىلىشتىن تەۋرەنمەي، سۆزلىشىش - سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىران يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقى كەم بولسا بولمايدۇ. ئوتتۇرا شەرق مۇقىم بولمىسا، دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشى تەسكە توختايدۇ. ئىسرائىلىيە - ئىران توقۇنۇشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى بىردىنلا كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، شۇنداقلا دۇنيا خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زەربە پەيدا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ توقۇنۇشۇۋاتقان ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ دۆلەتلەر ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، ئەكسىچە ئىش قىلسا بولمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىغا يۈكسەك باھا بەردى، قويۇق بولغان يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.