رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا ئاقساراي تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىرانغا زەربە بېرىش-بەرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاقساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى لېۋىت مۇنداق بىلدۈرگەن: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئالاقىسى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىشتە «ناھايىتى چوڭ» پۇرسەت بار دېدى، ئۇ كەلگۈسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىرانغا زەربە بېرىش-بەرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.
لېۋىت يەنە مۇنداق دېگەن: ترامپنىڭ ئىران بىلەن دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئويى بار، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشەلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. ئۇ مۇنداق بىلدۈرگەن: ھەرقانداق كېلىشىم جەزمەن ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇشىنى چەكلىشى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساش ئىقتىدارىنى يوقىتىشى كېرەك.