شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، خۇ شياۋگۇاڭ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلاپ كەلدى، بۇ، تاغ - دەريالىرى تۇتاش بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك تارىخىي ۋارىسلىقنىڭ پايدىسىدىن بولغان، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشتىكى مۇقەررەر تاللىشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق پىلانلىشىمىزدا، جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولۇپ، ئەمەلىي بولغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان نەتىجىلەر سىجىل مەيدانغا كېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچلۈك ئاشۇردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئاكتىپ كۈچى ئارقىلىق رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتە بىر - بىرىگە كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىش داۋامىدا بىر - بىرىگە پايدىلىق ياردەمچى بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشى ۋە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ھەر تەرەپلىمە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، كۆپ خىللاشقان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلاپ، قازاقىستان «جۇڭگو ساياھەت يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ياشلار، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، يەرلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىلقى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى بۆسۈش، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشنى خالايدۇ.
توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ دوست قوشنىسى، يېقىن دوستى ۋە ئىشىنىشكە بولىدىغان ھەمراھى. قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە بەخت يارىتىۋاتىدۇ، ئۇنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان كۈچلۈك سىياسىي ئارزۇسى بار، ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك قاتارلىق بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قوللايدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، قازاقىستان تەرەپ بۇنىڭدىن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا، سېلىنما، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىغا، تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ھەم ئۇنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردا داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، تاموژنا، ساياھەت، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە پارچە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىغا گۇۋاھ بولدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.