شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى  

2025.06.19 15:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇردى. بۇ يىل 2 - ئايدا بىز بېيجىڭدا مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - قىرغىزىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ سودا ۋە سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشى؛ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل قېزىلما بايلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشى؛ مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، يەككە تەرەپچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدۇ ھەم باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنى قوللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو گۈللىنىش، قۇدرەت تېپىش يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا سەھنىدە ئاچقۇچلۇق، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، باراۋەر - ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، قوشنىلار ئارا ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھى، قىرغىزىستان تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە، يېشىل قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىدا زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىكى، تاموژنا، پەن - تېخنىكا، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، جېڭ يۈ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر مەن تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدۇق ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقى توغرىسىدا يېڭى يىرىك پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرما چىقاردۇق، ئىككى تەرەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ ئىشەنچلىك قوشنىسى ۋە ھەمراھى، تاجىكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ماس ئالغا سىلجىتىشى؛ ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى؛ كۇڭزى شۆيۈەنى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇ يىل كۈزدە تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈشى؛ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. جۇڭگو - تاجىكىستان ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش ۋە خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى قەتئىي قوغداشتا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا كىلىماتنى تۈزەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

راخمان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر تاجىكىستاندا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئېچىپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈردى. ئىككى تەرەپ زىيارەت نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى جۇشقۇن قانات يايدۇرماقتا. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق بولغان يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشنى؛ سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل كەسىپ ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى؛ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تاجىكىستاننىڭ «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى؛ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى؛ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، قاتناش، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، گوۋ خۇڭجىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا مۇستەھكەم سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، كۈچلۈك ھەمكارلىق ئارزۇسى، ياخشى ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكى بار. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، كۆلىمىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەبىئىي گاز ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بايلىقتىن باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئۆزئارا مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي سۇپا قىلىپ، تۈركمەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى، 5 - قېتىملىق ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.

بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركمەنىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، جۇڭگوغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ماشىنىسازلىق ياسىمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق بايلىقتىن باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، جاۋ بىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر بىز بېيجىڭ ۋە ئاستانىدا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان چىقاردۇق، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى؛ ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، 2 - نۆۋەتلىك يۈز مەكتەپ ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تەھدىت، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قەتئىي قوغدىشى، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون، جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ قالتىس ئۈنۈملۈك بولغان ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقانداق زور مەسىلىنى ھەل قىلىش جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو قېرىنداشلاردەك يېقىن، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇق، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچلۈك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى خالىس قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى؛ سودا، سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى؛ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس مۇھىم دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە، ئۆزبېكىستان تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى بىردىنلا كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدۇ. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىمىز. ھەربىي توقۇنۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى ئەمەس، رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ھەرقايسى تەرەپلەر توقۇنۇشنى تېزدىن پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ