ۋاڭ خۇنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2025.06.19 16:13 مەنبە: خەلق تورى

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، ئالاقىدار دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى قانات يايدۇرغان نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى توغرىسىدا كېڭەشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە، تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ ئالاقىدار دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى ۋە پائال چارە-تەدبىر كۆرسەتكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش «تۆتكە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش، چارە-تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەتىجە شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىش سۈپىتى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3 ـ سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا سۆھبەت يىغىنىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلىي ۋە سەمىمىي سىياسەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شاۋ خۇڭ، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ