شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئاستانىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ «<جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئاستانىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئاستانىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ھەمكارلىق مەركىزى، مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق مەركىزى ۋە سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، جاۋ يۈ، خاۋ ۋېيۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئاستانىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قاتناشتى. دۆلەت باشلىقلىرى دوستانە كەيپىياتتا شىئەن باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيانقى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە نەزەر سېلىپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىردەك قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، «<جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى يىل ئىلگىرى، بىز جۇڭگو شىئەندە جەم بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ «شىئەن ئارزۇسى»نى ئورتاق تۈزگەنىدۇق. ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن شەكىللەندى، تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى، ھەمكارلىق يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى، دوستلۇق گۈللىرى بارغانسېرى پورەكلەپ ئېچىلىپ جۇلالاندى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز 2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە ئالاقىدە يىلتىز تارتقان، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشتە مۇستەھكەملەندى، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا راۋاجلاندى. ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق «ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى شەكىللەندۈردۇق: ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتلەرنى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىماي ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئىش بولسا كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىپ، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ تەدبىر بەلگىلىدۇق؛ ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىردەك ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە بىر - بىرىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قوللىدۇق، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلمىدۇق؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، بىر - بىرىمىزنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ھەمراھ قىلىش، ئۆزئارا تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كۆپ پايدا ئېلىپ ئورتاق ياشاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللاپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىدۇق. «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ھەمكارلىشىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بىز باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. پەقەت ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلايدىغان مەقسەتتىن ئېغىپ كەتمىگەندىلا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئىرادىسىنى يوقاتمىغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىغىلى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك مۇقەررەر ھالدا باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. تارىخنى كەينىگە ياندۇرسا بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك؛ دۇنيا بۆلۈنۈپ كەتسە بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك؛ ئىنسانىيەت ئورمان قائىدىسىگە قايتسا بولمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىز «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتى ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
بىرىنچىدىن، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان ئىتتىپاقلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىن ئويلىشىش يۆنىلىشى دەپ قارايدۇ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن باراۋەر دوستلىشىدۇ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، مەڭگۈ بىر - بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇملاردىن بولىدۇ. ئالتە دۆلەت مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش پىرىنسىپىنى قانۇن شەكلىدە مۇقىملاشتۇردى، بۇ، ئالتە دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئىجادىيىتى بولۇپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. بىز 2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىلى» قىلىپ بېكىتتۇق، دىققەتنى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، خادىملار ئالاقىسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كونكرېت تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەمكارلىق مەركىزى ۋە سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋە تەرەققىيات تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى 3000 تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.
ئۈچىنچىدىن، تىنچ، خاتىرجەم بولغان، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. بىز رايون خەۋپسىزلىكىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تېررورىزم ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىشى، تور ۋە بىيوخەۋپسىزلىكنى قوغدىشىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
تۆتىنچىدىن، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئادىمىيەت رىشتىسىنى چىڭىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلەر، ئاياللار، ياشلار، تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبارلىرى قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مەركىزى، ئالىي مەكتەپ شۆبە مەكتىپى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشنى خالايدۇ. يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللاپ، مەركەزدىن يەرلىككىچە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن خەلق ئارىسىغىچە، قوشنا رايونلاردىن تېخىمۇ كەڭ رايونلارغىچە بولغان «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.
بەشىنچىدىن، ئادىل، مۇۋاپىق، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش كېرەك. بىز قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك ئۇرۇش يىللىرىدا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خەلق بىلەن ئۆزئارا قوللاپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە مۇھىم تۆھپە قوشتى. توغرا بولغان تارىخ قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق، ئېنىقلىق قوشۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتە باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مەنپەئەت بىرىكىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ!
قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ناھايىتى قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ قالدى. ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزمەكتە. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەڭگۈ ئىشىنىشكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى ۋە ھەقىقىي دوستى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا، سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون خەۋپسىزلىكى جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن «2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئاستانا خىتابنامىسى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى.
باشلىقلار يىغىنىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، خادىملار ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل قېزىلما بايلىق، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سانائەت، تاموژنا قاتارلىق ساھەلەر بويىچە 12 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالانغانلىقى ئېلان قىلىندى. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن كۆپ تۈرلۈك دوستانە شەھەر كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپتىكى دوستانە شەھەر سانى 100 جۈپتىن ئاشتى.
شى جىنپىڭ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ھەمكارلىق مەركىزى، مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق مەركىزى ۋە سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ 2027 - يىلى 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشىنى كېڭىشىپ بېكىتتى.
شۇ كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.