ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە كۈچ قوشۇش كېرەك.
جاۋ لېجى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىڭئەن ئايمىقىنىڭ ئارشەن، چىفېڭ، كۆكخوتقا كېلىپ، مەھەللە، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى؛ ئارشەن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئورگان كادىرلىرىنى يوقلىدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىش، ياخشىلىنىشقا ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. قانۇنچىللىق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە، تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلىشى كېرەك. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ۋەكىللەر قانۇنىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدا ياخشى كۆۋرۈك بولۇشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئورمان قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئورمانچىلىق سانائىتى شىركىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى، ئورمانچىلىق مەيدانى ۋە ئورمانچىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە ئىگىلىدى؛ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئورمان قانۇنىنى يولغا قويۇلۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ تولۇق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە رايونى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ۋە چۆللىشىشنى تۈزەشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورمان قانۇنىنى ئەستايىدىل ياخشى يولغا قويۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش ۋە سۈنئىي ئورمان قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمان بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا يېشىل چاڭچېڭ بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئورمان بىنا قىلىش، ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىش، ئورماننى گۈللەندۈرۈش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن يېشىل نەتىجىلەرنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش، قوغداش ئىقتىدارىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىق ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورمان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئاساسىدا، ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئورمان شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى ۋە ئورمان رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.