شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، لى ئاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتتى.
ئاستانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دادېبايېف، مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نۇرتېليوف، زۇڭتۇڭنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى كاجىيقان، ئاستانا شەھىرىنىڭ باشلىقى قاسىمبېك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن، قازاقىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى.
ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋە قازاقىستاندا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.