شى جىنپىڭ: ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تېزدىن پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك

2025.06.18 14:48 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدە 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى بىردىنلا كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىمىز. ھەربىي توقۇنۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، رايون ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر توقۇنۇشنى تېزدىن پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ