6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (خەلقئارا نۇسخىسى) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، پىروگراممىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر پىروگراممىسى «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»(خەلقئارا نۇسخىسى)دە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگو شېئىر - ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان بولۇپ، دىققەت ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلقئارالاشقان نەزەر دائىرە ۋە جانلىق ھېكايىلەر ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆرۈرمەنلەرگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتى نامايان قىلىندى.
پىروگرامما شۇ كۈندىن باشلاپ قازاقىستان يىپەك يولى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قىرغىزىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە - رادىيو شىركىتى، تاجىكىستان «جاخوننامو» دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تۈركمەنىستان ئاخبارات تورى، ئۆزبېكىستان ياشلار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى.