لى چياڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025.06.19 16:11 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قويۇق كەيپىياتى يارىتىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى چياڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شۈجوۋ شەھىرى، نەنجىڭ شەھىرىگە بېرىپ، كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانى، سودا ھەمكارلىق سۇپىسى قاتارلىقلارغا كىرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. جياڭسۇ خۇيجى يۇقىرىتېخنىكىلىق قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ تەجرىبە تۈرى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، يادرولۇق زاپچاس ۋە مەھسۇلاتلارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى:قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى كەسپىنىڭئالىيلىشىپ، ئەقلىيلىشىپ، يېشىللىشىپ تەرەققىي قىلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، سۈنئىي ئەقىل، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پائال پايدىلىنىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.كەسىپ بايلىقىنى توپلاپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ئۆزئارا ئېنېرگىيە قوشۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.چوڭقۇر يەر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش يۈنلۇڭخۇ تەجرىبىخانىسىدا، لى چياڭ ئالاقىدار تېخنىكا جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كۆپچىلىكنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشۋە تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،كەسىپلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشۋە بازاردا قوللىنىشنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلدى.نەنجىڭ ئاتوم ياساش تەتقىقات ئورنىدا، لى چياڭ ئاتوم دەرىجىلىك ياساش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئۇلارنى يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى كۆزلەپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنىكۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پەن ھالقىپ، گىرەلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسى پەن-تېخنىكاۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭيۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

لى چياڭ نەنجىڭ شىمالىي ۋوگزالى تۈر نەق مەيدانىغا كېلىپ، پىلانلاش لايىھەسى، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قۇرۇلۇۋاتقان ئىش ئورنىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ، تۈر مەسئۇلى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قۇرۇلۇشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىش، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يانداش ئەسلىھە ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى پىلانلاپ، تۈرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۈپەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ تەلىپى بويىچە ھەربىر ھالقىنى ياخشى ئىگىلەپ، كونترول قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بوشى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى (جۇڭگو) مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ كارخانىنىڭ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە بازارنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنى «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش»نىڭ ئۈنۈمىنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، خېرىدارلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئېچىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆلىمى غايەت زور، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بازارغا ئىگە، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز، بىز سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كاپالەت سالمىقىىنى ئاشۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.

جياڭسۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەركىزىدە، لى چياڭ سۇپىنىڭ يۈرۈشۈشى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېچىۋەتكەن، ھەمكارلاشقاندىلا، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ياخشى، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات تەلىپى بار. جياڭسۇدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماسلىقىنى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۇختا كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ تايانچلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ