مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا چياۋمىنلىرىنى چېكىندۈردى

2025.06.19 16:06 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 18-چېسلا، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئىسرائىلىيەدىن چېكىنىپ چىقىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە پوچتا پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىشقا باشلىدى.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ھەمدە يېرۇسالېم ۋە تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق كونسۇل ئاپپاراتىنىڭ 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە تاقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش زور خەۋپ-خەتەر شەكىللەندۈرگەچكە، ئەنگلىيە بۇ دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ۋاقىتلىق چېكىندۈردى. ئەنگلىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى داۋاملىق يۈرۈشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ