شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئاستانىغا يېتىپ باردى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ تەكلىپى بىلەن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، جاڭ جىيې) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئاستانىغا يېتىپ باردى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ تەكلىپى بىلەن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان قازاقىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، قازاقىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى.
شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى نەزەربايېف خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ توقايېف زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دادېبايېف، مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نۇرتېليوف، زۇڭتۇڭنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى كاجىيقان، ئاستانا شەھىرىنىڭ باشلىقى قاسىمبېك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. چىرايلىق كىيىنگەن قازاقىستانلىق قىز شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى كۆك پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى، قازاقىستان ئۆسمۈرلىرى جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ توقايېفنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايروپورت ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ئايروپورتنىڭ ئەزىز مېھمانلار بىناسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە يەنە قازاقىستان ئۆسمۈرلىرى ئورۇنلىغان ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەن چۇنلىنمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن چۈشمەكچى بولغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋە قازاقىستاندا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، «رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!» «ياشىسۇن جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقى!» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ تەكلىپى بىلەن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاستانىغا يۈرۈپ كەتتى.
شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.