جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 45-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىنى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى

2025.06.17 14:52 مەنبە: خەلق تورى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 45-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىنى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 ـ قېتىملىق يىغىنىدا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇن لايىھەسى، دېڭىز سودىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسى قانۇن لايىھەسى، بېلىقچىلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، خەلق ئاۋىياتسىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى، شەھەر ئاھالىلەر كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ، داۋالىنىش كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ «خەلقئارا مۇرەسسە ئورنى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپكە قاراپ چىقىش.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەكلىپ بەرگەن دائىمىي كومىتېتنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى يەنە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ 2024-يىللىق مەركەز نەقچوتىغا ئائىت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش، 2024-يىللىق مەركەز نەقچوتىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛ گوۋۇيۈەننىڭ 2024-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھە قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى دائىمىي كومىتېتنىڭ 16 ـ قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خېۋېي،ۋۇۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭجياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ