مۇھىم خەۋەرلەر

ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2025.06.19 16:04 مەنبە: خەلق تورى

ئىران تاسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى خامېنېي شۇ كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئىران ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق ھەربىي ئارىلىشىشى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.

خامېنېي مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان ئېغىر خاتالىق «چوقۇم جازالىنىدۇ ھەم جازالىنىۋاتىدۇ».

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ تەھدىت سۆزلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، خامېنېي مۇنداق بىلدۈردى: تەھدىت ئىران خەلقىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئىران ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىققا ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق ھەربىي ئارىلىشىشى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ