شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن كېيىن داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پۇتىن يەنە مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپكە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان 6000 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى ھەمدە ئۇكرائىنا تەرەپتىن رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان 57 ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى قوبۇل قىلدى. رۇسىيە ئۇكرائىناغا يەنە 3000 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالايدۇ.