جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈندىدار سالونىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىسرائىلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈش بويىچە تىزىملاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشى داۋاملىق كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدە غايەت زور ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن چەت ئەل پۇقرالىرى چېكىنىشكە تەييارلاندى ياكى چېكىنىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەت، لىنىيە بىخەتەرلىكى، تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ قولايلىقى، ئايروپىلان بېلىتى يېتەرلىك بولۇش قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ چېكىنىشنى خالايدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يۆتكىلىشى ۋە چېكىنىشىگە ياردەملىشىدۇ، ئاپتوبۇس بىلەن بېگىن پورتى (ئىسرائىلىيە-مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان) ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىش پىلانلىنىۋاتىدۇ، ھازىر خادىملارنى تىزىملاش باشلاندى. تىزىملاتقۇچىلارنىڭ چوقۇم جۇڭگو پاسپورتى ياكى ساياھەت كىنىشكىسى (شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون پاسپورتى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون پاسپورتى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار كىنىشكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشى، پاسپورتى يوقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىملىكى بولۇشى كېرەك.