مۇھىم خەۋەرلەر

21 دۆلەت قوشما بايانات ئېلان قىلىپ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

2025.06.17 15:09 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، مىسىر، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان، بەھرەين، تۈركىيە، ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۇدان، ئىراق، ئومان، قاتار ۋە كۇۋەيت قاتارلىق 21 ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ئوتتۇرا شەرق جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمى خەلقئارا قانۇن ۋە«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپ. باياناتتا «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، تالاش-تارتىشلارنى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق پىرىنسىپى بويىچە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش» مۇراجىئەت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ خەتەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، چۈنكى بۇ پۈتكۈل رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن».

باياناتتا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىسرائىلىيە جەزمەن ئىرانغا قاراتقان دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ پەسەيتىپ، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ