شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ماسلاشتۇرغۇچىلار مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئايرىم - ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، يەرشارى جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر 9 - ئايدا، مەن ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇنبەرنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قول تۇتۇشۇپ «ئالتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئورتاق يولغا قويۇشقا بىردەك قوشۇلۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر تۈركۈم دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ يەنە 2026 - يىللىق «جۇڭگو - ئافرىقا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»غا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو چوڭ بازىرى ئارقىلىق ئافرىقا قاتارلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەمراھلىرىنى يېڭى قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالاش ئارقىلىق، ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتكە قارىتا %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئافرىقىدىكى ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئېكسپورتىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئافرىقا تەرەپ بىلەن «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل كەسىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە چىقىم قىلىش، پەن - تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك، پۇل مۇئامىلە، قانۇنچىللىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش جاھاندىكى توغرا يول، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش خەلق رايىنىڭ مايىللىقى. جۇڭگو - ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقاندا، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبال ئاچىدۇ. جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو - ئافرىقا كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ساسسۇ تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى دەل جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىغا توغرا كەلدى. مەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئافرىقا − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز. كونگو(بىراززاۋىل) جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىقتىن يىراق بولغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان دۇنياۋىلىشىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى خالايدۇ.