جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يولداش چېن يۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

 ​شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى،  لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى، جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى                                                                                                                                                              

2025.06.16 14:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يولداش چېن يۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش چېن يۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش چېن يۈننىڭ ھاياتى ئۇلۇغ، شەرەپلىك ھايات، ئۇ تىكلىگەن ئالىيجاناب مەنىۋى خىسلەت، ياراتقان مول رەھبەرلىك تەجرىبىسى، يەكۈنلىگەن ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلى مەڭگۈ بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە يولداش چېن يۈننىڭ شانلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش چېن يۈن ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، كۆزگە كۆرۈنگەن ماركسىزمچى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ بەرپا قىلغۇچىلىرى ۋە ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش دېڭ شياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 2 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ئۇ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش چېن يۈننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىنقىلاب ھاياتىدا تىكلىگەن ۋە چىڭ تۇرغان قەتئىي غايە - ئېتىقادى، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، ئاددىي - ساددا خەلق خىزمەتكارى بولۇش ھېسسىياتى، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش روھى كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. بىز يولداش چېن يۈننىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتىنى ئۆگىنىپ، غايە - ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن، چىگىش ۋە مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەت ئالدىدا سىياسىي ئىرادىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش چېن يۈن مەيلى قايسى ساھەگە مەسئۇل بولسۇن، قانداق رەھبەرلىك ئورنىدا بولسۇن، ھەممىسىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەجەللىك نۇقتىنى تۇتۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، بۈگۈنگىچە يەنىلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نۇرغۇن رەھبەرلىك تەجرىبىسىنى ياراتقان. بىز يولداش چېن يۈننىڭ مول رەھبەرلىك تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. قەدەمنى تېز ھەم پۇختا ئېلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش يولداش چېن يۈننىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئۇ، «يۇقىرىغىلا ئېسىلىۋالماسلىق، كىتابقىلا تايىنىۋالماسلىق، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، ئالماشتۇرۇش، سېلىشتۇرۇش، تەكرارلاش»تىن ئىبارەت ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بۇ «15 خەتلىك ئەپچىل ئۇسۇل»نى تاۋلاپ چىققان بولۇپ، مەسىلىنى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئويلاشقا ماھىر ئىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى قىلاتتى. بىز يولداش چېن يۈننىڭ ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ياخشى قوللىنىپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كەلگۈسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ئىجادىيلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى يۈزلىنىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەدبىرنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يولداش چېن يۈننىڭ ئۇلۇغ، شەرەپلىك ھاياتى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى، يولداش چېن يۈننىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، پۈتۈن پارتىيە يولداش چېن يۈننىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتى، مول رەھبەرلىك تەجرىبىسى، ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ جىجۈن، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى گۇڭ جېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش چېن يۈننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئىلگىرى يېنىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ