ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەر ۋە يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. فۇجيەننىڭ تەيۋەنگە بولغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.