گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى چياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى

2025.06.12 15:08 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشكە تەشكىللەش چارىسى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 42 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 49 نەپەر مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. ئارقىدىن، قەسەم باشلىغۇچى قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، قەسەم سۆزىنى ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر سەپ تۈزۈپ ئۆرە تۇرۇپ، قەسەم سۆزىنى ئەگىشىپ ئوقۇدى.

قەسەمدىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى خىزمەت ئورنىغا چىقىشى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ئىشەنچ، بۇنى چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. جاراڭلىق قەسىمىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىڭغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ساداقىتىمىزنى مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىدىغان ئىجرا قىلغۇچىلاردىن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن، ماھىرلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. قانۇنچىللىقنى پۇختا يولغا قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىستىلىمىزنى سىجىل ياخشىلاپ، پارتىيەۋىلىكىمىزنى تاۋلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ھەم ئېغىر، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولماقتا. قىيىنچىلىق قانچە كۆپ، خىرىس قانچە چوڭ بولغانسېرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى ۋە ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى شۇنچە سىنىغىلى بولىدۇ. قىيىنچىلىقتىن قاچماسلىق، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەش، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش جاسارىتىمىزنى تاۋلاپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كاللىمىزنى پائال ئىشلىتىپ، ۋەزىيەتكە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق يېڭى تەلەپلەرگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەپەككۇردىكى قاتماللىقنى تۈگىتىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت تۇتقىسى ۋە ۋاسىتىسىنى پىلانلاپ، خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماسلىشىپ كۈچەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچى، خىزمەت بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلىتى قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ