لى چياڭ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى لاگارد بىلەن كۆرۈشتى

2025.06.13 15:25 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى لاگارد بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئالدىنقى ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ رەئىس كوستا، رەئىس ۋوندېرلېيىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردى. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئوبيېكتىپ ئېھتىياج ۋە ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى، ھەم دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىساد جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شۇنداقلا بازار يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا نۇرغۇن ساھەلەردە ناھايىتى زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن بازارنى تۇتاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ھەمكارلاشقاندىلا ئورتاق پايدا ئالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى چوڭ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، تاشقى پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىگە تولۇق تاقابىل تۇرالايدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

لاگارد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە سۆزلىشىش-ھەمكارلىقنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مەنپەئەتى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، دۇنياۋى پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىدا پەقەت ئىككىلا تەرەپ ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشلا توغرا تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ