يولداش رې دىنىڭ مېيىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى

2025.06.16 14:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

يولداش رې دىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش رې دىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، زاڭزۇ خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش رې دىنىڭ مېيىتى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

يولداش رې دى كېسەل سەۋەبىدىن 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 2دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 87 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش رې دىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش رې دىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش رې دىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىدە يولداش رې دىنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. يولداش رې دىنىڭ مېيىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش رې دىنىڭ مېيىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش رې دىنىڭ مېيىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش رې دىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش رې دىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ