شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

​دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2025.06.16 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە قازاقىستان ئاستانىغا بېرىپ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېفنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە قازاقىستان ئاستانىغا بېرىپ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۈمىدىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەمسىز؟

لىن جيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ بىردەك قارارى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رايون مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. 2023 - يىلى 5 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ شىئەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، رايون تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەت پۇقرالىرىغا ھەقىقىي قولايلىق ۋە نەپ ئېلىپ كەلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى، رامكا ئىچىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەيدۇ.

«شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ» دېدى لىن جيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ