شى جىنپىڭ ھىندىستان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئەنگلىيەلىك يولۇچىلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېس.3كە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.06.16 14:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئەنگلىيەلىك يولۇچىلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېس.3كە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، دۆلىتىڭلار يولۇچىلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ