مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى: ئەگەر ئىران يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچسە، ئىسرائىلىيە ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشنى خالايدۇ

2025.06.16 14:23 مەنبە: خەلق تورى

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە: ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: ئەگەر ئىران ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى قوبۇل قىلسا، ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشنى خالايدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: «بىز بۇ ئىقتىدارلارنى يوقاتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرلىشىدۇ، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ