ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چېڭدۇدا 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا «قەلب كۆۋرۈكى» بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق تورى توقۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق تېخنىكىلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولماقتا، لېكىن تېخنىكا ھاڭى، رەقەملىك ھاڭ، ئەقلىي ئىقتىدار ھاڭى يەنىلا كېڭىيىۋاتىدۇ، بەزى زومىگەرلىك قىلمىشلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بىز ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى تەشەببۇسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئادىل، ھەققانىي، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنياۋى پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار، ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى قۇرۇشىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ مۇھىم پەن-تېخنىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ھەممىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىلىم-پەننىڭ دۆلەت چېگراسى يوق بولۇش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نەپ يەتكۈزۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى ئازايتىش مەخسۇس ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئۈچىنچى، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭىيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېرىش-كېلىش، ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا بىلەن مائارىپ ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت دوستلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىش كېرەك. تۆتىنچى، دۇنياۋى پەن-تېخنىكا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان قائىدە توقۇنۇشى، ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتەر، ئېتىكا خىرىسىغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى زىيادە سىياسىيلاشتۇرۇشقا، خەۋپسىزلىككە زىيادە چېتىۋېلىشقا قارشى تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئافسىن، ئۆزبېكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى راماتوف، سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لاگۇش باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تېخنىكا ئالاھىدە ئەلچىسى گىل سىنلىق سۆز قىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى، كارخانا مەسئۇللىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1500 كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.