دىڭ شۆشياڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2025.06.11 14:13 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن ـ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لاگۇش، ئۆزبېكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى راماتوف، ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئافسىن بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم كۆرۈشتى.

لاگۇش بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ جانجىگەر دوستلۇقى تاغ-دېڭىزلاردىن ھالقىپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لاگۇش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېربىيە تەرەپ سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ جانجىگەر دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سېربىيە بىلەن جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

راماتوف بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مىرزىيويېۋ بىلەن جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى پۈتۈن كىلىماتلىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

راماتوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

ئافسىن بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىران مۇھىم رايون ۋە خەلقئارا تەسىرگە ئىگە دۆلەت، جۇڭگو بىلەن ئىران ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو-ئىران ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، جۇڭگو-ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ئافسىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق مۇددەت مۇستەھكەم بولۇپ كەلدى، ئىران تەرەپ ئىران-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ