12-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى گۇجارات ئىشتاتىدىن ئۇچقاندىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن. ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا 242 ئادەم بار ئىكەن. ھىندىستان ساقچى تەرەپ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئاز دېگەندە 265 ئادەم قازا قىلغان.
شۇ يەر ۋاقتى 12-چېسلا، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامىت شاھ بۇ ۋەقەدە پەقەت بىرلا يولۇچىنىڭ ھايات قالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى، ئالاقىدار تارماقلار ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا، قازا قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى DNA تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
ئايروپىلاندىكى خادىملاردىن باشقا، ۋەقەدە يەنە يەر يۈزىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، گۇجارات ئىشتاتىنىڭ سەھىيە تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاز دېگەندە 50 نەپەر يەر يۈزىدىكى خادىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاندى.