شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرما رەھبىرى مىن ئاڭلەي بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تەشەببۇس قىلغان تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە بېرىش - كېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 5 - ئايدا مەن سىز بىلەن رۇسىيەدە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرما تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.
مىن ئاڭلەي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جانابلىرى 2020 - يىلى بىرمىدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇپ، بىرما - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. يېقىندا بىرما كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقى ۋاقتىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن رەئىس جانابلىرى بىلەن موسكۋادا مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق، مىللىي يارىشىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇستەھكەم بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مىن ئاڭلەي بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن. مىن ئاڭلەي مۇنداق بىلدۈردى: تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىرما - جۇڭگو مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرما - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.