لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 14-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.06.10 14:59 مەنبە: خەلق تورى

6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن «پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش»نى باش تېما قىلىپ، 14 ـ قېتىملىق مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپ ماسلىشىپ كۈچەش ئارقىلىق، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى بوغما ھالەتنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

چاڭجياڭ دېلتىسى دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ چىڭ چۈشەندۈردى.گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

لى چياڭ چۈشەندۈرۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بولۇپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ، يېڭى قۇۋۋەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى تېخىمۇ زور نەتىجە-ئۈنۈم ئارقىلىق، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قۇرۇلۇشنى دەلىللەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش، تاۋارلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ھەرقانداق بىر ھالقىنىڭ راۋان بولماسلىقى ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى توسۇق نۇقتا، ئۈزۈك نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئايلاندۇرۇش مەنبەسى جەھەتتە، پەن ـ تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەم كەسىپ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار باھالاش سىستېمىسى ۋە مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەقىقىي قىممىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ ئېھتىياجى بىلەن پەن ـ تېخنىكا تەمىناتىنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئايلاندۇرۇشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش جەھەتتە، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكىتى بولۇشتەك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ باشلامچى بولۇشى ياكى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەپ، كەسىپلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئورتاق پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىگە يۈزلىنىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش جەھەتتە، تۇنجى يۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ياخشى مۇھىتنى تىرەك قىلىشقا ئېھتىياجلىق، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قوللاش سىياسىتى ۋە بازار مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشقان، ھاياتىي كۈچكە تولغان نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ھوقۇق بېرىش ۋە مۈلۈكنى ئايرىم باشقۇرۇش ئىسلاھاتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش كېرەك.مەبلەغ مەدىتىنى زورايتىپ، پىكىر يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بازار كۈچىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، جەمئىيەت كاپىتالى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم پەن ـ تېخنىكا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى پىلانلاپ، يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى بويىچە تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئېھتىياجلىق بولغۇچى تەرەپنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ