6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردېنى چۆجىجيېبۇنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلدى. سۈرەتتە: بەنچەن شى جىنپىڭغا خادا تەقدىم قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردېنى چۆجىجيېبۇنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇنى 10 - ئەۋلاد بەنچەن ئۇستازنى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ بۇددا دىنى بىلىمى چوڭقۇر، راھىبلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن شىزاڭ بۇددا دىنى گىگەنى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، شىزاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى سالامنى قوبۇل قىلىشتا ھەمراھ بولدى.
بەنچەن شى جىنپىڭغا خادا تەقدىم قىلدى، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆگىنىش، خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ بەنچەننىڭ شىزاڭ بۇددا دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشىنى؛ ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە قېتىرقىنىپ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە دىنىي ئىلىم سەۋىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنىي بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشنى كۈچەيتىشىنى؛ خىزمەتتە پائال نەتىجە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇش، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، شىزاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى؛ تەربىيەلىنىش جەھەتتە سالماق بولۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەت ۋە ئالىيجاناب خىسلەت يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
بەنچەن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، 10 - ئەۋلاد بەنچەن ئۇستازنى ئۈلگە قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. داۋاملىق تۈردە بىلىم سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي بىلىمىم ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، شىزاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې پائالىيەتكە قاتناشتى.