شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كارول ناۋروسكىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پولشا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پولشا ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن پولشا ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلار، ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 76 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن پولشا دوستانە ھەمراھلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەن جۇڭگو - پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ناۋروسكى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - پولشا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشنى خالايمەن.