مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى دەلىللىدى

2025.06.13 15:35 مەنبە: خەلق تورى

باش ئىستانسا مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى6 -ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىران چېگراسى ئىچىدىكى يادرو پىلانى ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئون نىشانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان ھەمدە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە «شىرنىڭ كۈچى» دەپ نام بەرگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراندا يېتەرلىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇران بار، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە نۇرغۇن بومبا ياسىيالايدۇ، شۇڭا ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ«قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان تەھدىت»كە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ