خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە 138 مىليونغا يېقىن بالا ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا بالا ئىشچى ھادىسىسىنى تۈگىتىش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادىكى بالا ئىشچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 22 مىليوندىن ئارتۇق ئازىيىپ، 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئېشىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلگەن. 2000-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادىكى بالا ئىشچىلارنىڭ سانى 246 مىليوندىن 138 مىليونغا تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى يېرىمغا يېقىنلاشقان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېزا ئىگىلىكى يەنىلا بالا ئىشچىلار سانى ئەڭ كۆپ ساھە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %61 ىنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن قالسا مۇلازىمەتچىلىك ۋە سانائەت بولغان.