مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك

2025.06.09 15:46 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لوس ئانژېلېس رايونىدىكى نۇرغۇن جايلاردا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلماقتا ئىكەن. لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانا لوس ئانژېلېس رايونىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يىغىلىش سورۇنلىرى، كىشىلەر توپلاشقان رايون ياكى ئامانلىقى ياخشى بولمىغان رايونلاردىن يىراق تۇرۇپ، كېچىدە ياكى يالغۇز سەپەرگە چىقىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ۋاقتىدا 911 گە تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ (جۇڭگو تىل-يېزىقى مۇلازىمىتىنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ).

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياۋى كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قىزىق لىنىيەسى ( 24 سائەت ): +86-10-12308، +86-10-65612308.

لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تېلېفونى: +1-213-8078052، تېلېگراف پوچتا نومۇرى: LALB@ csm.mfa.gov.cn.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ