گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلق سارىيىدا ياپونىيە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خېيېياڭپىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر 11-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ باش ۋەزىر شى پوماۋ بىلەن لىمادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجادىي، مۇقىم جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئۈچۈن چوڭ يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە كۆچۈپ كېتەلمەيدىغان قوشنىلار، كۆچۈپ كېتەلمىگەندىكىن، ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش، ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك»تىن ئىبارەت سىياسىي ئورتاق تونۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئەل ئىچى دوستلۇق ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىختىلاپلارنى ئىجابىي تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نۇرغۇن خاس ئەۋزەللىكلىرى بار، بولۇپمۇ كەسىپلەرنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىككى تەرەپ بۇ ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر ۋە 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىدۇ، ياپونىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ياپونىيە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دوستانە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، ياشلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىمەن.
خېيېياڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئېلاستىكلىققا ئىگە. نۆۋەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ياپونىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا سىستېمىسىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. ياپونىيە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۇزاقتىن بۇيان ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇقىغا كۈچ چىقىرىپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تونۇشنى ياخشىلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.