مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

«ھەربىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2025.05.30 14:52 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ھەربىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەربىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرى چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتى خىزمىتى سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، ھەربىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ قانۇن - نىزام ئاساسى.

«نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 42 ماددا بولۇپ، ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا، ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئۇرۇشقا ھازىرلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەم ئېنىق تۇرغۇزۇلۇپ، ھەربىي ئىشلار خاسلىقى روشەن، قۇرۇلمىسى ۋە قاتلام دەرىجىسى مۇۋاپىق، باھالاش ئۆلچىمى ئىلمىي، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھەربىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتى سىستېمىسى تەسىس قىلىندى؛ مەسئۇلىيەت ئېنىق، تەرتىپ پۇختا بولغان تەشكىلىي باشقۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى؛ مۇكاپاتلاش، كۆرسىتىش، باھالاش، مۇكاپاتلىنىش ۋە باشقىچە پىكىرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق خىزمەتلەر قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ ئىستىل ۋە ئىنتىزام، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار تەلەپلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ھەم تەتبىقلىنىدىغان ئالاقىدار ئەھۋاللار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ھەربىي پەن تەتقىقات مۇكاپاتى خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ھەربىي پەن تەتقىقاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن - تېخنىكا تەمىناتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ