ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2024-يىلىدىكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم تەكلىپ ۋە مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «جۇڭگو يىلى»، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بۇنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە-پۇل ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملىك پۇل بىلەن راسچوت قىلىش ئۈلۈشىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسىنى پائال قۇرۇپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشۇشنى خالايدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمېكبايېف چەت ئەل تەرەپكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «شاڭخەي روھى»غا ئورتاق ئەمەل قىلىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.