ۋىيېتنام ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ۋىيېتنام پارلامېنتى دائىمىي كومىتېتى «نوپۇس بۇيرۇقى»نىڭ 10-ماددىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى بۇيرۇقتىكى بەلگىلىمىلەردە: «شەخس ياكى ئەر-خوتۇن باراۋەرلىك ئاساسىدا، يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۆگىنىشى، خىزمىتى، كىرىمى ۋە پەرزەنتلىرىنى بېقىش ئىقتىدارىغا قاراپ، پەرزەنت كۆرۈش ۋاقتى، پەرزەنت سانى ۋە ھەربىر بالىنىڭ ئارىلىق ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئىلگىرىكى «ھەربىر جۈپ ئەر-خوتۇن پەقەت بىر ياكى ئىككىلا پەرزەنتلىك بولىدۇ» دېگەن ماددا چىقىرىۋېتىلگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى مەقسەت ۋىيېتنامدىكى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تۇغۇت نىسبىتى پەرقى زىيادە چوڭ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت.