مۇھىم خەۋەرلەر

بىل گايتىس كۆپ قىسىم شەخسىي بايلىقىنى گايتىس فوند جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2025.05.09 14:20 مەنبە: خەلق تورى

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس 8-چېسلا كۆپ قىسىم شەخسىي بايلىقىنى گايتىس فوند جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە فوند جەمئىيىتى 2045-يىلى تىجارەتنى توختىتىشتىن بۇرۇن، خەيرىيەت چىقىمىنى 200 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇش نىشانىنى بېكىتكەن، بۇنداق قىلىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى قوللاش ئۈچۈندۇر.

گايتىس فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى پەيتىدە يۇقىرىقى قارارنى ئېلان قىلغان. گايتىس بىلوگىدا مۇنداق يازغان: نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، مەن ئەسلىدە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايلىقنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالماسلىقىم كېرەك، شۇڭا مەن بايلىقىمنى ئەسلىدىكى پىلاندىنمۇ تېز جەمئىيەتكە بېرىشنى قارار قىلدىم.

ئۇنىڭدىن باشقا گايتىس فوند جەمئىيىتى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى 20 يىلدا فوند جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى ئۆزگەرمەيدىكەن، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھەمراھلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۈچ يادرولۇق نىشاننى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، يەنى ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بوۋاقلاردىن ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغان كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىرىغا ياردەم بېرىدىكەن؛ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ