جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورمان قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورمان قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025.05.07 13:45 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورمان قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ئورمان قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئورمان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت ساقلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا 13 يىل پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئورماننىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئورمانچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئورمان قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش، ئورمان بايلىقىنى قانۇن بويىچە ياخشى يېتىشتۈرۈش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: ئورمان قانۇنى ئورمانچىلىق تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي قانۇن. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى يولغا قويۇشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، قانۇن بويىچە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئورمان بايلىقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورمان يېرى، ئورمانچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورماننى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئورمانچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئورمان بايلىقىنى قوغداش، يېتىشتۈرۈش، مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى تۈزۈش بىلەن تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىنى قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسى جەريانى قىلىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورمان قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش-ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىستىل ۋە ئوبرازنى نامايان قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋۇ ۋېيخۇا، شۆھرەت زاكىر قاتناشتى. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئورمان قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ