شى جىنپىڭ رۇسىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

2025.05.08 10:31 مەنبە: خەلق تورى

5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، موسكۋاغا بېرىپ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «رۇسىيە گېزىتى»دە «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. «جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىدە نەشپۈت چېچەكلىگەن» بۇ پەسىلدە، مەن پات ئارىدا رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، قەھرىمان رۇسىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە تارىخنى قايتا ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىمەن.

ئون يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ ۋاقىتتا، مەن رۇسىيەگە بېرىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، رۇسىيەنىڭ 18 نەپەر پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىلى بىلەن مەخسۇس كۆرۈشتۈم، ئۇلار ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىدا قان كېچىپ باتۇرانە جەڭ قىلغان. پېشقەدەم جەڭچىلەرنىڭ جاسارىتى ۋە قەيسەر قىياپىتىنى مەن ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، داجياڭ گالېيېۋ، شاۋجياڭ شۇدېلوۋ قاتارلىق پېشقەدەم جەڭچىلەر ئىلگىرى ـ كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى، مەن ئۇلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمەن. جياڭجۈندىن ئاددىي ئەسكەرگىچە، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن بارلىق پېشقەدەم جەڭچىلەرنى بىز مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز! قەھرىمانلار مەڭگۈ ھايات، قەيسەر روھ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ!

دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بەردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى جاپالىق پەيتلەردە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ئاۋىياتسىيە ئەترىتى نەنجىڭ، ۋۇخەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا «بۈركۈتتەك كۆكتە پەرۋاز قىلىپ»، ياپون قاراقچىلىرىغا توسۇپ زەربە بەردى، نۇرغۇن ئۇچقۇچى قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە، «شەرقتىكى زورگ» − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر يەر ئاستى خىزمەتچىسى يەن باۋخاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنى بىرىنچى قول ئاخبارات بىلەن تەمىنلىدى. ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونى زور تۈركۈمدە قورال ـ ياراغ ۋە جابدۇقلار بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگومۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەردى، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ چۆل ـ باياۋاندا خەلقئارا «ھاياتلىق لىنىيەسى» ئېچىپ، فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا بىر ـ بىرىگە ياردەم بېرىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇقى خۇددى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىدەك توختىماي ئۆركەشلەپ، بەئەينى ۋولگا دەرياسىدەك كېڭىيىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان دوستلۇقىنىڭ پۈتمەس ـ تۈگىمەس مەنبەسىگە ئايلاندى.

80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىي كۈچلەر بىر سەپتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، باتۇرانە جەڭ قىلىپ، جاھانغا پاتماي قالغان فاشىست كۈچلەرنى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ مەغلۇپ قىلدى. 80 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرى ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىپ، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقلىشىش ياكى بۆلۈنۈش، سۆھبەتلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇردى. ئۇلۇغ رۇسىيە يازغۇچىسى لېۋ تولستوي «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: «تارىخ دۆلەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرجىمىھالى.» تارىخىي ئەسلىمە ۋە ھەقىقىي ئەھۋال يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇسلىشىپ كەتمەيدۇ، بىزگە بەرگەن ئىلھامى مەڭگۈ رېئاللىقنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز تارىخنى ئەينەك قىلىپ، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ چوڭقۇر ساۋاقلىرى ۋە فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىدىن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

− بىز توغرا بولغان 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپون مىلىتارىزمى ۋە گېرمانىيە ناتسىزمىغا زەربە بېرىشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئەڭ بالدۇر باشلاندى، ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشەببۇس قىلغان ھەم قۇرغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئەڭ قەبىھ ياپون مىلىتارىستلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. ياۋروپا جەڭ مەيدانىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى قەتئىي ئىرادە بىلەن پولات ئېقىن بەرپا قىلىپ، ناتسىست تاجاۋۇزچىلارنىڭ ياۋۇز غەرىزىنى بىتچىت قىلىپ، گېرمانىيە فاشىستلىرى قۇل قىلغان خەلقنى ئازاد قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى پۈتۈپ چىقتى.

تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، يورۇقلۇق مۇقەررەر قاراڭغۇلۇقنى تارقىتىۋېتىدۇ، ھەققانىيەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. نيۇرنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى، يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتىدا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مەڭگۈلۈك مىخلاندى، بۇ ئىككى مەيدان چوڭ سوتنىڭ ھەققانىي خاراكتېرى، تارىخىي قىممىتى، دەۋر ئەھمىيىتىنى تەۋرىتىشكە بولمايدۇ! 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بۇرمىلايدىغان، 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، جۇڭگو ـ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە قارا چاپلايدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ! تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق قىلمىشقا جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى قوشۇلمايلا قالماستىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىمۇ قوشۇلمايدۇ!

− بىز ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدى ـ كەينىدە، خەلقئارا جەمئىيەت چىقارغان ئەڭ مۇھىم قارار دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش بولدى. جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئالدى بىلەن ئىمزا قويدى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك ئورنى تارىختا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن. خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلىشىپ كەتكەنسېرى، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىدا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل يەنە تەيۋەن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. تەيۋەننىڭ جۇڭگو قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. «قاھىرە خىتابنامىسى»، «پوتسدام ئاخباراتى» قاتارلىق خەلقئارا قانۇن كۈچىگە ئىگە بىر قاتار ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي پاكىت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 ـ نومۇرلۇق قارارىنىڭ نوپۇزىغا خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ. تەيۋەن ئارىلىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، تاشقى كۈچلەرنىڭ قانداق پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ھامان بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى باشتىن ـ ئاخىر قەتئىي قوللىدى. رۇسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ.

− بىز خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم دەل يۇقىرىقى قىزىل رەقەملەرنى تۈگىتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئىدىيەسى ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن.

دۇنياغا ئادىللىق كېرەك، زومىگەرلىك كېرەك ئەمەس. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا جەزمەن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش ئەمما قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، ئورتاق نەپ ئېلىش ئەمما نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىناشماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، خەلقئارا قائىدە ۋە تەرتىپنى قوغداش كېرەك. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھەممىسى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشنى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇشنى تاللايدۇ.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىجابىي كۈچ. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئېنىق تارىخىي لوگىكىغا، قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، چوڭقۇر مەدەنىيلىك ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، 3 ـ تەرەپكە قارىتىلمىغان، شۇنداقلا ھەرقانداق 3 ـ تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ رۇسىيە دوستلۇقىغا ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشكە كاشىلا قىلىدىغان، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنى ئورتاق توسۇپ، مەلۇم مەزگىلدىكى مەلۇم ئىش سەۋەبىدىن قايمۇقۇپ قالماي، بوران ـ چاپقۇننىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماي، جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇستەھكەملىكى ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا پارلاق مەدەنىيلىككە ئىگە ئۇلۇغ دۆلەتلەر، جۇڭگو خەلقى بىلەن رۇسىيە خەلقى ئوخشاشلا قەھرىمانلىق تومۇرىغا ئىگە ئۇلۇغ خەلق. 80 يىل ئىلگىرى، بىز جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنىدۇق. 80 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي تۈردە تارىخىي ئەسلىمىلەرنىڭ ساقلىغۇچىلىرىدىن، تەرەققىيات، گۈللىنىشتىكى بىللە يۈرگۈچىلەردىن، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ