شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا يېتىپ باردى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. رۇسىيە تەرەپ ئايرودۇرۇمدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا يېتىپ باردى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قوغدىدى.
شى جىنپىڭ موسكۋا ۋنۇكوۋو مەخسۇس ئايروپىلان ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى گولىكوۋا قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
رۇسىيە تەرەپ ئايرودۇرۇمدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان ياخشى قوشنىلار، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ھەقىقىي دوستلار، بىر ـ بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان ياخشى ھەمراھلار. ئىككى تەرەپ قوشنا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش روھىنى بەرپا قىلدى. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان، پىشىپ يېتىلگەن، مۇستەھكەم بولغان جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىگە غايەت زور بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداش، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، قول تۇتۇشۇپ 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە رۇسىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئورتاق ياڭرىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇيمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايرودۇرۇمدىن ئۆزى چۈشىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ھەمدە جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ۋە رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن، موسكۋاغا بېرىپ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە بارغانلاردىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.