شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مېرزنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى چياڭ مېرزغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.05.07 13:45 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرېدرىچ مېرزغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت چىقىشىپ ئۆتۈش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق يولىدا مېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئالدى، لېكىن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا جاھاندىكى توغرا يول ۋە توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى. دۇنيادىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىككى دۆلەت تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ شىددەتلىك بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەن جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭلى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مېرزنىڭ گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىستىقبالى پارلاق. باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تارىخىي تاللىشى، شۇنداقلا جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قوغدىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىپ ئەۋج ئالدۇرۇشىغا ئەرزىيدۇ. سىز بىلەن ياخشى خىزمەت ئالاقىسى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى ساقلاپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ